BEA World 2007
يىغىلىشىدا كۆرگەن ۋە ئويلىغانلېرىم
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىدە كونكېرت تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئەمەس بەلكى چوڭ تىپتىكى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئائىت مەزمونلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن. بۇ مەزمونلارنىڭ بىزنىڭمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى (مەسىلەن «ھەمكارلىق» يىغىنىمىزغا ئوخشاش) تەشكىللىشىمىز ئۈچۈن ئۆرنەك بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. يىغىندىكى بىر قىسىم تېخنىكىلىق تېمىلار توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئايرىم پىكىرلىشىمىز.
نۆۋەتتىكى تۈر ئىجادىيەت خىزمىتىمىز ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ قالغاچقا ۋەزىپىنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن كۈندە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقىنىمىزغا بىر قانچە ئاي بولغان ئىدى. ھەدىدىن ئارتۇق چارچاش دەستىدىن ئالدىمىزدىكى قۇربان ھېيتنىڭ پاتراق كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتقان (گەرچە قۇربان ھېيتتا قانچىلىك دەم ئالالىشىم تېخىچە نامەلوم سان بولسىمۇ) مەزگىللەردە تويۇقسىز كەلگەن بىر خوش خەۋەر مېنى ھاياجانغا سالدى:
- شاڭخەيگە بېرىپ
BEA World 2007
يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلگىن، ......
يىغىن باھانىسىدا بىرنەچچە كۈن «دەم ئېلىش» بىلەن بىرگە پۈتتۈرگەن مەكتىپىمگە بېرىپ كۆرۈپ كىلىدىغانلىقىمنى ئويلاپ ئىچ-ئىچىمدىن خوشال بولدۇم. باشلىق ئىشخانىسىدىن چىقىپلا توردىن يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم.
BEA
دىگەن بۇ ئىسىم كۆپ قىسىم تورداشلارغا ناتۇنۇش بولسىمۇ
Java
ساھەسىدە، بولۇپمۇ
Java
نىڭ كارخانا دەرىجىلىك قوللانما ساھەسىدە
BEA
نى بىلمەيدىغان ئادەم يوق.
BEA
- دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارا دېتال شېركىتى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ كۆپۈنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15000 دىن ئارتۇق شېركەت
BEA
نىڭ خىرىدارى ھېساپلىنىدۇ. بۇ شېركەتنىڭ ئەڭ داڭلىق مەھسولاتلېرىدىن
BEA WebLogic Server
،
BEA Tuxedo
قاتارلىقلارنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى پۈتۈن دۇنيا ئارا دېتال ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى پۇل-مۇئامىلە، تېلگىراف، ئېلىكتىر-ئېنىرگىيە ساھەلېرىدە مەزكور شېركەت مەھسولاتلېرىنىڭ قوللىنىلىش ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك. شۇڭا
IBM
،
Oracle
،
HP
قاتارلىق شېركەتلەر
BEA
نى سېتىۋىلىپ ئۆزلېرىنىڭ ماس ساھەدىكى مەھسولات سېپىنى كۈچەيتىشنى ئويلايدۇ. ئۇندىن باشقا
BEA
نى دۇنيا
SOA
ساھەسىدىكى يىتەكچى شېركەتلەرنىڭ بىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ
SOA
ساھەسىدىكى يىتەكچى رولى
IBM
دىن قىلىشمايدۇ.
BEA World
يىغىلىشى بولسا
BEA
نىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزىدىغان خەلقئارالىق تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنى بولۇپ، يىغىنغا
BEA
نىڭ ھەمكارلاشقۇچىلېرى ۋە خېرىدارلېرىدىن ۋەكىللەر قاتنىشىدۇ.
BEA
ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلېرىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق مەھسولاتلېرى ۋە تەرەققىيات نىشانى تونۇشتۇرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار ئۈستىدىن تەجىربە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرىمۇ
BEA
شېركىتىنىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزگەن يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت يىغىنى (
dev2dev
) دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇنداق بىر تېخنىكا يىغىنىغا قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدىم. لېكىن خەلقئارالىق
BEA World
يىغىلىشىغا قاتنىشىشىم تۇنجى قېتىم ئىدى. بۇ يىللىق
BEA
World
يىغىلىشى ئامىرىكىنىڭ سان فىرانسېسكو، ئىسپانىيىنىڭ بارسىلونا، جۇڭگونىڭ شاڭخەيدىن ئىبارەت ئۈچلا شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئىككى كۈنلۈك يىغىندا
Sun
،
HP
،
Infosys
قاتارلىق داڭلىق يۇمشاق دېتال شېركەتلېرىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىلېرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتەخەسىسلېرىدىن تەلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ، يىغىن كۈنىنى ساقلاپ تېخىمۇ تاقەتسىزلەندىم.
12-ئايدىكى شاڭخەي، گەرچە تېمپىراتورا نۆلدىن يوقۇرى بولسىمۇ، كەچكۈز يامغۇرىنىڭ تەسىرىدە كىشىگە خېلىلا سوغاق تويۇلىدۇ. 12-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە بىز ئولتۇرغان ئايرۇپىلان ئۈرۈمچى ئايرىدىرومىدىن قوزغۇلۇپ، چۈشكە يېقىن شاڭخەي خۇڭچىياۋ ئايرىدىرومىغا قوندى. ئايرىدىرومدا يىغىۋاتقان سىم-سىم يامغۇر شاڭخەينىڭ نەمخۇش، ئىس تۈتەكلىك ھاۋاسىغا قوشۇلۇپ كىشىگە بۇرۇقتۇرما تويغۇ بېرىپ تۇرسىمۇ، كۆڭلۈمدىكى خوشلۇقۇمنى باسالمىدىم. چۈنكى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ 6 يىلغىچە مەن بۇ تۇپراققا قەدەم بېسىپ باقمىغان ئىدىم.
بىز ئايرىدىرومدىن مېھمانسارايغا بېرىپ ئورۇنلۇشۇپ بولغۇچە
BEA
نىڭ بىزگە مەسئول تىجارەت خادىمى بىزنى يىغىنغا تىزىملىتىپ، مۇناسىۋەتلىك يىغىن ماتېرياللېرىنى تەييار قىلىپ قويۇپتۇ. چۈشتىن كىيىن ياتاقتا چاي ئىچكەچ ھېچ يەرگە چىقماي مۇناسىۋەتلىك يىغىن ماتېرياللېرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم.